پېنتاگون ئەقلىيفونلارنى چەكلەشكە تەييارلانماقتا

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى جېيمس ماتتىس، يانفون، ئەقىللىق سائەت ۋە تەقىپ قىلغىلى بولىدىغان ئېلېكترونلۇق ئاپپاراتلارنىڭ پېنتاگونغا كىرگۈزۈلمەسلىككە تەييارلىق قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

901557
پېنتاگون ئەقلىيفونلارنى چەكلەشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماتتىسنىڭ بۇ قارارنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ مەشق جەريانىدا ئىشلىتىدىغان ئەقىللىق يانفون ئەپى ئارقىلىق ھەربىي بازىلارنىڭ ئورنىنى ئېنىقلىغىلى بولىدىغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىن كېيىن چىقارغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

پېنتاگون بۇ ھەقتە يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرىگە ئەستايىدىل قارايمىز ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خادىملىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەردائىم قوشۇمچە تەدبىرلەرنى ئويلىشىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

پېنتاگوندا 23 مىڭغا يېقىن ئادەم ئىشلەيدىغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى تۈزۈمدە قەتئىي مەخپى مەلۇماتلار مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان بۆلۈملەرگە ئەقىللىق تېلېفونلار كىرگۈزۈلمەيدۇ.

ئاقسارايمۇ ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ يانفون ئېلىپ كىرىشنى چەكلەش تۈزۈمىنى يولغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر