شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورىيەنىڭ ئورتاق كۈلتۈر پائالىيىتى سۇغا چېلاشتى

شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە بىرلىكتە ئۆتكۈزمەكچى بولغان كۈلتۈر پائالىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

899879
شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورىيەنىڭ ئورتاق كۈلتۈر پائالىيىتى سۇغا چېلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدا بىرلا بايراق ئاستىدا پاراتتىن ئۆتۈش قارارى ئەمەلدىن قالدى.

ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم دائىرىسىدە قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىن ئىلگىرى شىمالىي كورېيەدىكى كۇمگاڭ تېغىدا، شىمالىي كورېيە ۋە جەنۇبىي كورىيە ھەيئەتلىرى تەڭ قاتنىشىدىغان كۈلتۈر پائالىيەتلىرى شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ئەسلىدە بۇ كۈلتۈر پائالىيىتىنىڭ 4 – فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىدى.

جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كىم جوڭئۇننىڭ رەھبەرلىكىدىكى شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي كورېيە مېدىياسىنى شىمالىي كورېيەگە ھاقارەت قىلىپ، خەلقنى دۈشمەنلىككە كۈشكۈرتۈش بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن پائالىيەتنىڭمۇ شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە ھۆكۈمىتى ئورتاق كۈلتۈر پائالىيىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا ئىنتايىن ئەپۇسلانغانلىقىنى، شىمالىي كورېيەنىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن تۈزۈلگەن بارلىق كېلىشىملەرگە سادىق بولۇشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يانۋار ئېيىنىڭ بېشىدا كىم چوڭئۇننىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن كۆرۈشۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ھەيئەتلىرى ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان ئىدى. 

ئۇچرىشىشتا جەنۇبىي كورېيەنىڭ پىيڭچاڭ شەھىرىنىڭ ساھىبخانلىقىدا 9 – فېۋرالدىن 25 – فېۋرالغىچە ئۆتكۈزلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىغا شىمالىي كورېيەنىڭ قاتنىشىشى مۇزاكىرە قىلىنغان ئىدى.

كېلىشىمگە بىنائەن ھەر ئىككى كورېيە قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا بىرلشمە كورېيە بايرىقى ئاستىدا پاراتتىن ئۆتۈش قارارى ئېلىنغان ئىدى.

مۇسابىقىغا چۈشۈش ئۈچۈن ئورتاق ئاياللار مۇز توپ ئەترىتى قۇرۇلۇشى ھەققىدىمۇ كېلىشىم ئىمزالانغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر