سەئۇدى ئەرەبىستاندا نازاەتتىكى شاھزادىلەرنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى 3 ئايدىن بۇيان نازارەتتە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان شاھزادىلەرنى قويۇپ بەردى.
899803
![سەئۇدى ئەرەبىستاندا نازاەتتىكى شاھزادىلەرنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/6b42/2b15/7746/584171b766afa.jpg?time=1719198293)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ نويابىر ئېيىدىن بۇيان رىيادتىكى بىر ئالىي مېھمانسارايدا نازارەتتە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىدى.
نازارەتكە ئېلىنغانلار ئارىسىدا دوللار مىلياردىرى شاھزادە ۋەلىد بىن تەلالمۇ شەنبە كۈنى قويۇپ بېرىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان مەسئۇللىرى باشقىلارنىڭمۇ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەنلەر ئارىسىدا ئاكا – ئۇكا لادىنلەرنىڭمۇ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
نازارەتكە ئېلىنغانلارنىڭ بايلىقىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئارقىلىق قويۇپ بېرىشكە ئېرىشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719198293)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.