ئالجىرىيە فىرانسىيەدىن يادرو قوراللىرى سىنىقى سەۋەبىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىدۇ

ئالجىرىيە ھۆكۈمىتى ئۆز ۋاقتىدا ئالجىرىيە زېمىنلىرىدا يادرو قوراللىرى سىنىقى ئېلىپ بارغان فىرانسىيەدىن تۆلەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

898915
ئالجىرىيە  فىرانسىيەدىن يادرو قوراللىرى سىنىقى سەۋەبىدىن تۆلەم تەلەپ قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالجىرىيە فىرانسىيەدىن تۆلەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئالجىرىيە دائىرىلىرى فىرانسىيەنىڭ ئالجىرىيە زېمىنلىرىدا يادرو قوراللىرى سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ فىرانسىيەدىن تۆلەم تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئالجىرىيە مۇجاھىتلار مىنىستىرى ئەت-تاييىب زەيتۇنى فىرانسىيەنىڭ ئۆز ۋاقىتىدا ئالجىرىيە زېمىنلىرىدا ئېلىپ بارغان يادرو  قوراللىرى سىناقلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلارنىڭ تۆلىنىشى ئۈچۈن مەخسۇس كومىتېت قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

فىرانسىيە 1966-يىلدىن 1996-يىلغىچە بولغان مەزگىللەردە ئالجىرىيە ۋە فىرانسىيەگە تەۋە پولىنېزىيا رايونىدا تەخمىنەن 210 قېتىم يادرو  قوراللىرى سىنىقى ئېلىپ بارغانىدى.

فىرانسىيە تارىخىدا «قارا داغ»دەپ خاتىرىلەنگەن بۇ يادرو قوراللىرى  سىناقلىرى 100مىڭ ئادەمگە تەسىر كۆرسەتكەنىدى.

فىرانسىيەنىڭ ئالجىرىيەدىكى يادرو قوراللىرى سىنىقى پىرېزىدېنت جاككىۋىس شىراك مەزگىلدە ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا يادرو  قوراللىرى سىناقلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارغا تۆلەم بېرىش قارار قىلىنغانىدى.

فىرانسىيە دائىرىلىرى بولسا يادرو قوراللىرى  سىناقلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئەسكەر بولۇپ جەمئىي 500 ئادەم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئالجىرىيە ئەسكەر ۋە ئامما بولۇپ جەمئىي 18 مىڭ ئادەمنىڭ يادرو قوراللىرى  سىناقلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغانلىقىنى،  بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇزۇن ئۆتمەيلا جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

فىرانسىيەدە 2010-يىلى يادرو قوراللىرى سىناقلىرىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىغۇچىلارغا تۆلەم تۆلەشنى مەزمۇن قىلغان قانۇن لايىھەسى ماقۇللىنىپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە ئاران 20 ئادەم تۆلەم ئالالىغان.

رەسمىي بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە يادرو قوراللىرى سىناقلىرىنىڭ زىيانىغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ ساق قالغان 3000دەك قۇربان ئىچىدە 35ى راك كېسىلى ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر