سۈرىيەدىكى «توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى» بومباردىمان قىلىندى

سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىگە قاراشلىق توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى بومباردىمان قىلىنىپ 10دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى.

898906
سۈرىيەدىكى «توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى» بومباردىمان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىگە قاراشلىق توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى بومباردىمان قىلىنىپ ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ جەمئىي 14 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، ئەڭ ئاز 30 ئادەم يارىلاندى.

ئىدلىب ئامما مۇداپىئە ئىشلىرى مۇدىرى مۇستافا ھەج يۇسۇف بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « رۇسىيە ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىگە تەۋە كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئىدلىبنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان سەراكىب، مائاررەتىنمان ۋە كەفرەنبىل ناھىيەلىرى بىلەن كەفەر ئامىن رايونىنى بومباردىمان قىلدى.»

رۇسىيە ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىب ئاسمىنىدىن ئايرىلماي تۇرۇۋاتقان ئونلارچە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن مۇستافا ھەج يۇسۇف: بۈگۈنلا ئىدلىب 100قېتىم ئارتۇق بومباردىمان قىلىندى، دېدى.

ئاممىۋى مۇداپىئە خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ رايونىدا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتقان مۇستافا ھەج يۇسۇف،  يارىلانغانلارنىڭ رايوندىكى سەھىيە ئورۇنلىرىغا يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىدلىبتىكى توقۇنۇشنى پەسەيتىش رايونى 1 يېرىم ئاي ئىچىدە ئىزچىل بومباردىمان قىلىنىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر