پۇتىن رۇسىيەدە ئىسلام مائارىپىنى جانلاندۇرىدىغان بولدى

پۇتىن: «ئىلاھىياتشۇناسلىقتا ئىسلام مائارىپى ھەردائىم چوڭقۇر يىلتىزغا ۋە شانلىق تارىخقا ئىگە بولۇپ كەلدى. 1917 – يىلىدىكى ئىنقىلابتىن ئىلگىرى رۇسىيەلىك مۇسۇلمان ئىلاھىياتشۇناسلار دۇنيانىڭ ھەممىلا يەرىدە پەۋقۇلئاددە ھۆرمەتكە سازاۋەر زاتلار ئىدى» دېدى.

897130
پۇتىن رۇسىيەدە ئىسلام مائارىپىنى جانلاندۇرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ رۇسىيە كۈلتۈر قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزگەرمەس بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن تاتارىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى قازاندىكى ئۇچرىشىشلىرى دائىرەسىدە، رۇسىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئىسلام ئالىملىرى بىلەن كۆرۈشتى.

پۇتىن ئىلاھىياتشۇناسلىق بويىچە ئىسلام مائارىپىنىڭ رۇسىيەدە قايتىدىن جانلاندۇرۇلۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈرۈپ:  «ئىلاھىياتشۇناسلىق بويىچە ئىسلام مائارىپى ھەر دائىم چوڭقۇر يىلتىزغا ۋە شانلىق تارىخقا ئىگە بولۇپ كەلگەن ئىدى. 1917 – يىلىدىكى ئىنقىلابتىن ئىلگىرى رۇسىيەلىك مۇسۇلمان ئىلاھىياتشۇناسلار دۇنيانىڭ ھەممىلا يەرىدە پەۋقۇلئاددە ھۆرمەتكە سازاۋەر زاتلار بولۇپ تونۇلغان ئىدى. ئۇلارنىڭ قاراشلىرى تولىمۇ قىممەتلىك ئىدى» دېدى. 

پۇتىن سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە بولسا، بۇ ئىسلامىي بايلىقنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ھۆكۈمىتىمىز رۇسىيەدە ئىسلام مائارىپىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەرنى تاشلايدۇ. چۈنكى ئەنئەنىۋى ئىسلام مائارىپى رۇسىيەنىڭ كۈلتۈر قۇرۇلمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر پارچىسىدۇر ۋە مۇسۇلمان خەلقلەرمۇ ھېچ شۈبھىسىزكى، رۇسىيەنىڭ كۆپ مىللەتلىك قۇرۇلمىسىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر» دېدى.

رۇسىيەدە تەخمىنەن 20 مىليون مۇسۇلمان بار بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %15 نى ئىگىلەيدۇ.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر