قاتار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنى تولۇق قوللىدى

قاتار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى پ ك ك / ي پ گ تېررورسىتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن قوزغىغان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

895905
قاتار تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنى تولۇق قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى خالىد بىن مۇھەممەد ئەل ئەتىييە تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىقلىغا تېلېفون قىلغان. تېلېفون ئۇچرىشىشىدا، قاتارنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىنغا قوزغىغان ھەربىي ھەرىكىتىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە تۈركىيە تەلەپ قىلغان تەقدىردە ھەربىي ھەرىكەتكە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن.

جانىقلىمۇ تۈركىيەنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش نىشان قىلىنغان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىش سەۋەبلىرى ھەققىدە كەسپدىشىغا  مەلۇمات بەرگەن ھەمدە تۈركىيەنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن قاتار ھۆكۈمىتىگە رەھمەت ئېيتقان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر