رۇسىيە: ئامېرىكا سۈرىيەدە بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتلىرى بىلەن تۈركىيەنى غەزەپلەندۈردى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى بىتەرەپلىمە ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈركىيەنى غەزەپلەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

894577
رۇسىيە: ئامېرىكا سۈرىيەدە بىر تەرەپلىمە ھەرىكەتلىرى بىلەن تۈركىيەنى غەزەپلەندۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ «كوممېرسانت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، تۈركىيە باشلىغان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ: «نۇرغۇنلىغان سىياسەت مۇتەخەسسىسلىرى نېمە ئۈچۈن ئەندىشە قىلغانلىقىمىزنى سوراپ: <ئامېرىكا سۈرىيەدە بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، ئىران بىلەن تۈركىيەنى غەزەپلەندۈردى. شۇڭا، ئارىلاشماسلىق كېرەك.  ئۇلارنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى تېخىمۇ ئوتتۇرىغا چىقسۇن ۋە تاشقى سىياسەتتىكى ۋەيران قىلىش خاراكتېرىلىك رولى ئىسپاتلانسۇن> دەيدۇ» دېدى.    

ئۇ رۇسىيەنىڭ باھاردا ئامېرىكاغا «يېرىم رەسمىي» ھالدا سۇنغان ھەمكارلىق توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنىڭ ھېلىمۇ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە: «تەكلىپلىرىمىز ھەر قاچان كۈچكە ئىگە، بىز ھېچقاچان قارشى چىقماستىن، ئامېرىكا ياكى باشقا دوست دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىدىكى ئارقا پىلانىنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ رۇسىيەگە قارشى يۈزگۈزگەن ئېمبارگولىرىغا «ئاساسسىسز ۋە مەنىسىز» دەپ باھا بەردى ۋە ئېمبارگولارنىڭ رۇسىيەنىڭ تاشقى سىياسەت يۈزلىنىشىگە تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھازىرقى رۇسىيەگە بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن ھېچقاچان كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك ئىختىلاپلار بولغان «سوغۇق ئۇرۇش» دەۋرىدىمۇ بۇنداق ۋەزىيەتنىڭ كۆرۈلۈپ باقمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ شىمالىي كورېيە توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ 2005-يىلى ئامېرىكانىڭ بىرىنچى بولۇپ، شىمالىي كورېيە بىلەن تۈزۈلگەن «يادرو كېلىشىمى» گە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈشتە يېتەرسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىران ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىلىرى مەسىلىسىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەتلەر بىردەكلىككە كەلگەن خەلقئارالىق كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ئىختىلاپلىق مەسىلىلەردە ھاسىل قىلغان كېلىشىملەر ھەر خىل سەۋەب بىلەن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا، ئۇ چاغدا ھەممە دۆلەت ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ ۋە بۇ ناھايىتى ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ. 2005-يىلى ئىران، سۈرىيە، لىۋىيە، يەمەن ۋە كورېيە يېرىم ئاراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كېلىشىمدە، شىمالىي كورېيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىن نېمىلەرنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقى ناھايىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن ئىدى. بىراق، ئارىدىن ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە ئامېرىكالىقلار تۇيۇقسىزلا ماكاۋ (ئاۋمېن) دىكى بىر بانكا ھېسابىغا مۇناسىۋەتلىك كونا ھېكايىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلدى ۋە شىمالىي كورېيەنىڭ بانكادىكى ھېساباتىنى توڭلىتىشقا باشلىدى. ۋەقەنىڭ قانچىلىك توغرا ئىكەنلىكى ياكى تەرەپلەرنىڭ قايسىسىنىڭ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى تالاش-تارتىش قىلىشقا بولىدۇ، بىراق ھەقىقەت شۇكى، ئەينى ۋاقىتتا ئىختىلاپلارغا ۋە ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە <توختا> دەيدىغان بىر كېلىشىم تۈزۈلگەن ئىدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر