ماتىس: تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى بار

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتىس تۈركىيەنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە قانۇنلۇق ئەندىشىلىرىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

893936
ماتىس: تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماتىس شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قىلغان سەپىرى ئۈستىدە ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئافرىن رايونىدا ي پ گ / پ ك ك ۋە دائېش تېررورسىتلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئىشقا كىرىشتۈرگەن «زەيتۇن شېخى» ناملىق ھەربىي ھەرىكىتىگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەرىەكەت توغرۇلۇق ئۆزلىرىگە ئالدىن مەلۇمات بەرگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ناتو دىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ قانۇنلۇق بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى بار. تۈركىيە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇردى. جۈملىدىن تۈركىيە بۇ ھەقتە ناھايىتى ئوچۇق – يورۇقلۇق بىلەن ھەرىكەت قىلدى. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى سەۋەبىدىن ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئەسكەرلىرى خەۋپ ئاستىدىمۇ ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر