فىرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى سۈرىيە توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۈگۈن فىرانسىيەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر بىلەن ئىنسانىي ۋەزىيەت ۋە ياردەم يەتكۈزۈش مەسىلىلىرى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدۇ.

893891
فىرانسىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى سۈرىيە توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىغىندا، ب د ت نىڭ ئىنسانىي مەسىلىلەرگە مەسئۇل باش كاتىپ ياردەمچىسى مارك لوۋكوك، كېڭەش ئەزالىرىغا سۈرىيەدىكى زىيارىتى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىدۇ.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېئىن يۋېس لې درىئان، سۈرىيەدىكى ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى مۇھاكىمە قىلىش ئۈچۈن ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىرىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغانىدى.

لې درىئان، ئالجىرىيەدىكى غەربىي ئاقدېڭىز دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى جەريانىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، سۈرىيەدە يۈز بەرگەن يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئەندىشە ياراتقانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئۇ يەنە تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىقمۇ بايانات بېرىپ، «سۈرىيە: غۇتە، ئىدلىب، ئافرىن. فىرانسىيە، ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جىددىي يىغىن چاقىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۈگۈن (تۈنۈگۈن) ئەتىگەن تۈرك مەنسەپدېشىم بىلەن كۆرۈشتۈم» دەپ يازغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر