كابۇلدىكى بىر ئالىي مېھمانخانا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى بىر ئالىي مېھمانخانا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى.

893305
كابۇلدىكى بىر ئالىي مېھمانخانا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستانلىق ئەمەلدارلار، 12 سائەتتىن ئۇزۇن داۋاملاشقان توقۇنۇشنىڭ بارلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مېھمانخانىغا ئاشخانا ئارقىلىق كىرگەن ھۇجۇمچىلار خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشتى؛ مېھمانخانىنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدە باشلانغان توقۇنۇشتىن كېيىن، ھۇجۇمچىلار يۇقىرىدىكى قەۋەتلەرگە قاراپ قاچتى؛ ئافغانىستان ئالاھىدە ھەرىكەت قىسىملىرى ھۇجۇمچىلارنى مېھمانخانىدا قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى. بۇ جەرياندا ھۇجۇمچىلار بەزى ياتاقلارغا ئوت قويۇپ بەردى، مېھمانخانىدىكى خېرىدارلارنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى.

تاڭ ئېتىشقا يېقىن ئاخىرلاشقان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا، 3 ھۇجۇمچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، بىرى چەت ئەللىك بولۇپ جەمئىي 5 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھازىرچە ھېچقانداق تەرەپ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر