رۇسىيە ئايروپىلانلىرى خەلقئارادا چەكلەنگەن بومبا بىلەن ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلدى

رۇسىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ خەلقئارالىق كېلىشىملەر بىلەن چەكلەنگەن «ناپالم» بومبىسى بىلەن ئىدلىب رايونىنى بومباردىمان قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

891993
رۇسىيە ئايروپىلانلىرى خەلقئارادا چەكلەنگەن بومبا بىلەن ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۈرىيەدە ئىدلىبقا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا 5 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، ئەڭ ئاز دېگەندە 30 كىشى يارىلاندى.

ئىدلىب پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى مۇستافا ھاجىيۇسۇف: «رۇسىيە ئايروپىلانلىرى بۇ قېتىمقى ھۇجۇمدا خەلقئارادا چەكلەنگەن <ناپالم> بومبىسى تاشلىدى» دېدى.

پۇقرالار قوغدىنىش تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھاجىيۇسۇف، يارىدارلارنىڭ رايوندىكى داۋالاش مەركىزىگە ئاپىرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىغا يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە كۆپىيىپ قالغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا، 110 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، ئەڭ ئاز دېگەندە 240 تىن ئارتۇق كىشى يارىلاندى.

سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان تۈركىيە چېگراسىدىكى ئىدلىب ۋىلايىتى 2017-يىل 4-5-ماي كۈنلىرى قازاقىستان پايتەختى ئاستانادا ئېچىلغان يىغىندا «جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بەششار ئەسەد قىسىملىرى بىلەن رۇسىيە ئايروپىلانلىرى پات-پات ھۇجۇم قىلىپ تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر