ۋېنگىرىيەدە 81 ئادەم سوغۇقتىن توڭلاپ ئۆلدى

ۋېنگىرىيەدىن بۇلتۇر يىل ئاخىردىن ھازىرغىچە نۇرغۇن ئادەم سوغۇقتىن توڭلاپ ئۆلۈپ قالدى.

889986
ۋېنگىرىيەدە 81 ئادەم سوغۇقتىن توڭلاپ ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيەدە بۇلتۇر يانۋاردىن ھازىرغىچە 81 ئادەم سوغۇقتىن توڭلاپ جېنىدىن ئايرىلدى.

نېپسزاۋا گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنگىرىيەدە كېيىنكى 10 يىلدا 2500 ئادەم سوغۇقتىن توڭلاپ ئۆلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى كوچىلاردا ئەمەس، سوغۇق ئۆيلەردە ئۆلۈپ كەتكەن.  

خەۋەردە ئۆي-ماكانسىزلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان مېنھېلىي ۋەقپىسى مۇدىرى زولتان ئاكناينىڭ مۇنۇ سۆزىگە ئورۇن ئاجرىتىلدى: «ۋېنگىرىيەدە ئۆي-ماكانسىزلارنىڭ سانى توغرۇلۇق ئېنىق مەلۇمات يوق. ۋەقپىمىزنىڭ تەكشۈرۈشىچە، تەخمىنەن 10مىڭ ئادەم ئۆي-ماكانسىز ئىكەن، لېكىن بۇداپېشتنىڭ ئۆزىدىلا شەھەرلىك ھۆكۈمەت، ۋەقپىلەر ۋە دىنى ئورۇنلار 2308 كارۋاتلىق 34 ساناتورىيەنى باشقۇرۇپ كەلمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر