لىۋان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

لىۋان ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال جوسىپ ئاۋن لىۋان ئارمىيەسىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

889988
لىۋان ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋان ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال جوسىپ ئاۋن لىۋان ئارمىيەسىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىشتاب باشلىقى ئاۋن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ۋەكىللىرى قاتناشقان يىغىندا سۆز قىلىپ «ئىسرائىلىيە تەھدىتى» ۋە بۇلتۇر تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى ئېلىپ بېرىلغان «تاغلارنىڭ شەپىقى»ناملىق ھەربىي ھەرىكەت ئۈستىدە توختالدى.

ئاۋن لىۋاننىڭ 2006-يىلى ئىسرائىلىيە ۋە ھىزبۇللاھ ئارىسىدا 34 كۈن داۋاملاشقان ئۇرۇشقا خاتىمە بەرگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىنى تەدبىق قىلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «جەنۇبتىكى چېگرالىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىنى ب د ت نىڭ 1701 نومۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن قوغداپ كېلىۋاتىمىز. بىز ئىسرائىلىيەنىڭ ھەر قانداق ۋاقىتتا قىلغان ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالايمىز ۋە بۇنىڭغا تەييارمىز.»

«ئوتتۇرا شەرقنىڭ قانلىق توقۇنۇشلارغا سەھنە بولىۋاتقانلىقىنى، لېكىن لىۋاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى»ئېيتقان ئاۋن، 2017-يىلدىكى مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ بىرىنىڭ لىۋان ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيە چېگراسىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش تېررورچىلىرىغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، دائېشنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدىمۇ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى.

لىۋان ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى باشلىقى گېنېرال جوسىپ ئاۋن، بۇلتۇر نويابىردا لىۋان ئارمىيەسىگە «ئىسرائىلىيە تەھدىتى»گە تەييار تۇرۇشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر