سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەندىن ئېتىلغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى پاچاقلاپ تاشلىدى

سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا ئارمىيەسى يەمەندىن نەجران شەھىرىگە ئېتىلغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

886797
سەئۇدى ئەرەبىستان يەمەندىن ئېتىلغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى پاچاقلاپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھۇسىيلار تەرىپىدىن چېگرا رايوندىكى نەجران شەھىرىگە ئېتىلغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغان. بۇ ھەقتە سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى تەرىپىدىن بايانات ئېلان قىلىنمىغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگراسىدىكى نەجران شەھىرىگە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان.

ئىگىلىنىشىچە، يەمەندە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ھۇسىيلار 2014 – يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سانانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى رايونلارنى كونتىرول  قىلىۋاتقان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش كۈچلىرى 2015 – يىلى مارتتىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى قانۇنلۇق ھۆكۈمەت كۈچلىرىنى قوللىماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر