ئامېرىكا ئىراننىڭ نامايىشچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراندىكى نامايىشلارغا قاتنىشىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

885800
ئامېرىكا ئىراننىڭ نامايىشچىلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىدىن بىئارام بولغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىراندىكى نامايىشلاردا مىڭلارچە ئادەمنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشى  توغرۇلۇق بەرگەن باياناتىدا «بۇ ئەھۋالى بىزنى ئەندىشىگە سالدى»دېگەن جۈملىگە ئورۇن ئاجراتتى.

ئاق ساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراندىكى نامايىشلارغا قاتناشقان كىشىلەرنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

«ترامپ ھۆكۈمىتى ئىران ھاكىمىيىتىنىڭ تىنچ ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا قاتناشقان مىڭلارچە ئادەمنى نازارەتكە ئېلىشىدىن بىئارام بولىۋاتىدۇ»دېيىلگەن باياناتتا، نامايىشچىلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچرىشى، ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ «تولىمۇ ۋەھىملىك ئەھۋل» ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: «ئىراننىڭ دىكتاتور ھاكىمىيىتى پۇقرالىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلدى، بىز بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمىز، ئىراندىكى ھەق-ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارى ئىران ھاكىمىيىتىدۇر، ئامېرىكا ئىران ھۆكۈمىتىنى سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر