قاتار بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئەيىبلىدى
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۈرىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبتىكى توقۇنۇشماسلىق رايونىغا قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى سۈرىيە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىب توقۇنۇشماسلىق رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ، سۈرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش چارىلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى ۋە مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان ئالسانى تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئىدلىبتە بومباردىمان قىلىش تەكرارلىنىۋاتىدۇ. ھەر تۈرلۈك سىياسىي يوللار بىلەن سۈرىيە كىرىزىسىنى ھەل قىلىش چارىلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىش ۋە ئاجىزلىتىش ئۈچۈن مۇنازىرە پەيدا قىلىپ، تېررورىست گۇرۇپپىلارغا قارشى كۈرەش قىلىش نامى ئاستىدا پۇقرالارنى ۋە ئۆكتىچىلەرنى ئۆلتۈرۈش تەكرارلىنىۋاتىدۇ» دېدى.
سۈرىيە خەلق قوغدىنىش تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىدلىب شەھىرىدە يېقىنقى ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ھاۋا بومباردىمانلىرىدا، 70 كىشى جېندىن ئايرىلىپ، 185 كىشى يارىلانغان.
سۈرىيەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ئىدلىب ۋىلايىتى 2017-يىلى 4-5-ماي كۈنلىرى قازاقىستان پايتەختى ئاستانا ئېچىلغان يىغىندا، «جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونى» قىلىپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى قىسىملىرى ۋە رۇسىيە ئايروپىلانلرىنىڭ كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلش ۋەقەلىرى پات-پات يۈز بەرمەكتە.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.