ئىسرائىلىيە ئىراندا «كۆز-قۇلاقلىرى»بارلىقىنى ئېيتتى

ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى موساد ئىراندا «كۆز-قۇلاقلىرى»بارلىقىنى بىلدۈردى.

884985
ئىسرائىلىيە ئىراندا «كۆز-قۇلاقلىرى»بارلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى ردىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى موساد پىرېزىدېنتى يوسسى جوھېن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراندا «كۆز-قۇلاقلىرى»بارلىقىنى ئېيتتى.

ئىسرائىلىيەدە چىقىدىغان ھارېتز گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جوھېن ئىراندا مەيدانغا كەلگەن نامايىشلار ئۈستىدە توختالغان.

«ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراندا كۆز-قۇلاقلىرىدىن سىرت، باشقا نەرسىلىرىمۇ بار»دېگەن يوسسى جوھېن، ئىراندىكى نامايىشلارغا ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى دېگەندەك خەلقنىڭ ئىقتىسادىي تەلەپلىرىنىڭ ئورۇندالماسلىقى سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىراندا ئىنقىلاب يۈز بەرسە تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى، بىراق ئۈمىدلەرنىڭ رىئاللىققا مۇۋاپىق بولۇشى لازىملىقىنى ئېيتقان جوھېن، تېھراننىڭ «ئوتتۇرا شەرقتىكى نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك ساھەسىگە نۇرغۇن چىقىم سەرپ قىلغانلىقىنى»بىلدۈردى.  

جوھېن ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق چۈشەنچىسىنىڭ دونالد ترامپ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ مەنپەئەتىگە مۇۋاپىق نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولىۋاتىمىز. بۇ ئەھۋال ئىراننىڭ نوپۇزىنى ئاجىزلىتىشقا تولىمۇ پايدىلىق.»

 

ئىراننىڭ مەشھەد شەھىرىدە 2017-يىلى 28-دېكابىردا بىر تۈركۈم نامايىشچى مال باھاسىنىڭ يۇقىرلىقى، ئىشسىزلىق، چىرىكلىككە ئوخشاش مەسىلىلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈشى بىلەن باشلانغان نامايىشلار ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھاكىمىيەتكە قارشى ھەرىكەتلەرگە ئايلىنىپ كەتتى.

تېھرا،قىرمانشاھ، سەمەندەچ، زەنجان، شىراز، قۇم، ئەخۋاز، زاھىدان، ئەراق، ھۇررەم ئابادقا ئوخشاش نۇرغۇن شەھەرگە كېڭەيگەن ۋەقەلەردە 20دىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلىپ، نۇرغۇن ئادەم نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

1989-يىلدىن 1997-يىلغىچە ئىككى نۆۋەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن، كېيىن ئامانلىق ۋە تەرتىپنى تەكشۈرۈش كېڭىشى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان رافسانجانى 2017-يىلى 8-يانۋاردا ۋاپات بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر