ئىراق: قۇددۇس پەلەستىننىڭ مەڭگۈلۈك پايتەختى

ئىراق پارلامېنتى ئامېرىكانىڭ قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيە پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن قانۇن لايىھەسىنى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلدى.

883680
ئىراق: قۇددۇس پەلەستىننىڭ مەڭگۈلۈك پايتەختى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پارلامېنتتا ئەڭ كۆپ ئەزاسى بار «مەملىكەتلىك بىرلەشمە» نىڭ پارلامېنت ئەزاسى ئەلى ئەسسافى بىرلەشما ئىچىدىكى مۇۋاتىن گۇرۇپپىسىنىڭ، ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى ئەيىبلەنگەن لايىھەنى ئاۋازغا قويۇش ئۈچۈن پارلامېنت ئەزالىرىغا ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە لايىھەنىڭ مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «پارلامېنت ئەزالىرى ئامېرىكانىڭ قارارىنى بارلىق دىنلارغا قارىتىلغان ئىغۋاگەرچىلىك ۋە خەلقئارالىق بىخەتەرلىككە ھەمدە تىنچلىققا تەھدىت پەيدا قىلىدۇ، دەپ قارىدى» دېدى.

ئۇ پارلامېت ئەزالىرىنىڭ لايىھەگە بېلەت تاشلاشتا، قۇددۇسنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ مەڭگۈلۈك پايتەختى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«پارلامېنتنىڭ قارارى، قۇددۇسنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغانلىقى سەۋەبىدىن سەزگۈر مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئىراق ھۆكۈمىتىنى ب د ت زۆرۈر بولغان بارلىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە ۋە بۇ دائىرەدە كېرەكلىك قارارلارنى ئېلىشقا چاقىرىش مەنىسىگە ئىگە.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ 2017-يىلى 6-دېكابىر قۇددۇسنى ئىسىرائىلىيە پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىنى قۇددۇسقا يۆتكەش توغرىسىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا پەرمان چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدە تۈركىيەنىڭ باشچىلىقىدا تەييارلانغان ۋە ترامپنىڭ قارارىنى تەنقىد قىلغان قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك «ئىسىرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇس ۋە ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زېمىنىدىكى ھەرىكەتلىرى» تېما ئاستىدىكى قارار لايىھەسى، 2017-يىلى 21-دېكابىر ئامېرىكا تەھدىت سالغان بولۇشىغا قارىماي 9 غا قارشى 128 ئاۋازنىڭ قوللىشى ۋە 35 ئاۋازنىڭ ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى بىلەن قوبۇل قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر