پاكىستان ھازىرمۇ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئىستىراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس «پاكىستان بىلەن بەزى مەسلىلەردە چۈشىنىشمەسلىكلىرىمىز مەۋجۇت. كونكرېت مەسىلىلەرنى پايدىلىق نەتىجە ئېلىش نۇقتىسىدىن مەخپىي سۆزلىشىش ئەڭ ياخشى» دېدى.

882989
پاكىستان ھازىرمۇ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئىستىراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس پاكىستاننىڭ ھازىرمۇ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ئىستىراتېگىيەسىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى، پاكىستان ھۆكۈمىتى ئەگەر تالىبان ۋە ھەققانى گۇرۇپلىرىغا قارشى قەتئىي قەدەملەرنى تاشلىغان تەقدىردە پاكىستانغا ياردەملەرنى قايتىدىن باشلىيالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

جىم ماتتىس ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاخبارات ئىشخانىسىدا مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 

پاكىستانغا ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاپ بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئالدىنقى يىلى ئاۋغۇست ئېيىدا ئېلان قىلغان ئافغانىستاندىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ كەلگۈسىنى شەكىللەندۈرىدىغان جەنۇبىي ئاسىيا ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن ئەمەس، پاكىستاندىن باشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

جەنۇبىي ئاسىيا ئىستىراتېگىيەسى ئۈستىدە ھازىرمۇ پاكىستان بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماتتىس، «كۆپىنچىڭلارغا مەلۇم، پاكىستان ناتو قىسىملىرىدىنمۇ كۆپرەك ئەسكەرلىرىنى قوربان بەردى. بىراق بەزى مەسلىلەردە چۈشىنىشمەسلىكلىرىمىز مەۋجۇت. كونكرېت مەسىلىلەرنى پايدىلىق نەتىجە ئېلىش نۇقتىسىدىن مەخپىي سۆزلىشىش ئەڭ ياخشى» دېدى. 

ماتتىس پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ يامانلىشىشى تۈپەيلى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرۇغلۇقتىن تەمىنلىنىدىغان نەرسە – كېرەكلەر جەھەتتىن ئەندىشىسى بار ياكى يوقلۇقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، «ياق بۇ جەھەتتە ھېچقانداق ئەندىشىمىز يوق» دېدى. 

بىر گېزىتنىڭ «بۇ قەدەم ئاخىرىقى ھېسابتا ئامېرىكىنىڭ ئىشىغا ئەسقاتىدۇ دەپ ئويلامسىز ياكى ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەندىشە قىلامسىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەن ماتتىس «باياناتىمىزدا كۆرگىنىڭىزدەك، پاكىستاندىن ئۈمىدلىك ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرىدىغان كونكرېت سۆزلەر بار ئىدى. بايانات ھازىر ئالدىمدا ئەمەس، ئەمما پاكىستان بىلەن ھازىرمۇ بىرلىكتە ئىش قىلىۋاتىمىز. بىزگە ئوخشاش پاكىستاننىڭمۇ دۆلىتىگە تەھدىت يارىتىۋاتقان تېررورچىلارغا قارشى قەتئىي قەدەملەرنى تاشلىغانلىقىنى كۆرسەك، ياردەملىرىمىزنى قايتىدىن باشلايمىز» دېدى.

ماتتىستىن يەنە پاكىستات ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندىيالىغۇدەك قابىلىيەتكە ئىگە ياكى ئەمەسلىكى سورالدى.

ماتتىس جاۋاپ بېرىپ، «شۇنى ئېيتىپ قويايكى، پاكىستان ھۆكۈمىتى بىز بىرلىكتە قىلىشقا تىرىشۋاتقان ئىشلارنى قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە. شۇڭا ئەلۋەتتە <ھەئە> دەيمەن» دېدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر