ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئورتاق ھەربىي مانېۋىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغان بولدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئورتاق مانېۋىر توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «پىرېزىدېنتنىڭ ماقۇللىغان قارارىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز» دېيىلدى.

882609
ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورېيە ئورتاق ھەربىي مانېۋىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە 2018 – يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى بويىچە ئورتاق ھەربىي مانېۋىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىدىغان بولدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مۇن جا ئىن تېلفوندا كۆرۈشتى.

ئاقسارايدىن تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2018 – يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى بويىچە ئولىمپىكنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەركەزلىشىش مەقسىتىدە، ئورتاق ھەربىي مانېۋىرىنى ۋاقىتلىق توختىتىش جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى. 

باياناتتا يەنە، شىمالىي كورېيە تەھدىتىگە قارشى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملاىشىدىغانلىقى تەكىتلەندى. ئامېرىكانىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىغا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەيئەت بىلەن ئىشتىراك قىلدىغانلىقى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان باياناتىدا، «پىرېزىدېنتنىڭ ماقۇللىغان قارارىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز» دېيىلدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن يېڭى يىللىق نۇتۇقىدا، جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2018 – يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىغا ھەيئەت يوللىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە جەنۇبىي كورېيەنىڭ پىكىرىگە دەرۋازىسى ئوچۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

جەنۇبىي كورېيەمۇ ئالدىمىزدىكى ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىدىن ئىلگىرى شىمالىي كورېيەگە  يۇقىرى سەۋىيەدە ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش تەكلىپى سۇنغان ئىدى.

جەنۇبىي كورېيە بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسدىكى دىپلوماتىك يىقىنلىشىش نەتىجىسىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2016 – يىلىدىن بۇيان ئۇزۇپ تاشلانغان ئالاقە لىنىيەسى قايتىدىن ئىچىۋېتىلگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر