شىنزۇ ئابې شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتىگە قارشى ياپونىيە ئارمىيەسىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى

كىم جوڭئۇن يېڭى يىللىق نۇتۇقىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يادرو قورال كونۇپكىسىنىڭ ئۈستىلىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

881975
شىنزۇ ئابې شىمالىي كورېيەنىڭ تەھدىتىگە قارشى ياپونىيە ئارمىيەسىنى كۈچەيتىشكە ۋەدە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابې شىمالىي كورېيەنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆز خەلقىنى باياشات تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

شىنزۇ ئابې مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ياپونىيەنىڭ شىمالىي كورېيەنىڭ يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتىش، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو سىناقلىرىغا خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن بېسىم قىلىش يولىدا، ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن بىرلىكتە قولىدىن كېلىدىغان ئەڭ ياخشى خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شىنزۇ ئابې بولۇپمۇ شارائىت ئىنتايىن قېيىنلىشىدىغان يىلنىڭ ئەڭ سوغۇق مەزگىلىدە شىمالىي كورېيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ تەسىرىنى ئېھتىيات بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئەگەر رەھبەرلەر توغرا سىياسەت يولغا قويغان بولسا، شىمالىي كورېيەنىڭ تىرىشچان خەلقىنىڭ ۋە مول بايلىقلىرىنىڭ دۆلەتنى باياشات ھالغا كەلتۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابې شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو پىروگراممىلىرىنىڭ «2 – دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ تەھدىت بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، دۆلەتنى قوغداش ئۈچۈن ياپونىيە ئارمىيەسىنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن يېڭى يىللىق نۇتقىدا شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يادرو قورال كونۇپكىسىنىڭ ئۈستىلىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر