يەمەندىكى شىئەلەر سەئۇدى ئەرەبىستانغا يەنە راكېتامىيوت ئاتتى

يەمەندىكى شىئە ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستان چېگراسىغا جايلاشقان جەزەن رايونىغا راكېتامىيوت ئاتتى.

880737
يەمەندىكى شىئەلەر سەئۇدى ئەرەبىستانغا يەنە راكېتامىيوت ئاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەمەندىن سەئۇدى ئەرەبىستان زېمىنلىرىغا ئېتىلغان راكېتامىيوت نەتىجىسىدە 1 ئادەم ئۆلدى.

راكېتامىيوت سەئۇدى ئەرەبىستان چېگراسىغا جايلاشقان جەزەن رايونىغا چۈشتى.

جەزەن خەلق مۇداپىئە ئىدارىسى باياناتچىسى يەھيا بىن ئابدۇللاھ ئەل-قەھتانى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، شىئە ھۇسىيلار ئاتقان راكېتامىيوتنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەزەن رايونىدىكى ئەل-ھۇرراس ۋىلايىتىگە چۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ۋەقەدە بىر پاكىستانلىق ئۆلگەنلىكىنى، 3 ئۆي بىلەن 1 ئاپتوموبىلنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان قەھتانى، خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ رايوندا تەدبىر ئالغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

يەمەندە قانۇنلۇق ھۆكۈمەتكە قارشى ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان شىئە ھۇسىيلار 2014-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان پايتەخت سەنئا بولۇپ نۇرغۇن جاينى تىزگىنى ئاستىدا تۇتماقتا، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرى 2015-يىلى مارتتىن بۇيان شىئە ھۇسىيلارغا قارشى تۇرۇپ قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى قوللاپ كەلمەكتە.

شىئە ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يەمەن چېگراسىدىكى نەجران ۋە جەزەنغا كاتيۇشا، سىكۇد ۋە باشقا تىپلىق بالىستىك راكېتامىيوتلار بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كەلمەكتە. راكېتامىيوتلار ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن توسۇلۇپ بىتچىپ قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، بەزىدە ئۆلۈم ۋە ماددىي زىيانلارغا سەۋەب بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر