ئىران نامايىشچىلارنى ئاگاھلاندۇردى

تېھران ئىنقىلاب مەھكىمىسى باشلىقى مۇسا گازانفەر ئابادى، نامايىشلارغا دەسلەپكى ئۈچ كۈندىن كېيىن ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ تېخىمۇ ئېغىر جازالىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

880384
ئىران نامايىشچىلارنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇسا گازانفەر ئابادى تەسنىم خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بايانات بېرىپ، «ئۈچىنچى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردە نامايىشقا قېتىلىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان نامايىشچىلارنىڭ جازالىرى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى نامايىشلارنىڭ قانۇنسىزلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇشىغا قارىماي، بۇ كىشىلەر بىلىپ ۋە غەرەزلىك ھالدا جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى» دېدى.

كېيىنكى كۈنلەردە نامايىشلارغا قېتىلغۇچىلارغا پۇقرالىق ھوقۇقىدىن پايدىلىنىش كاتېگورىيەسى بويىچە مۇئامىلە قىلىنمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئابادى، «شۈبھىسىزكى بۇ كىشىلەر، ھاكىمىيەت ئاساسلىرىغا ھۇجۇم قىلغۇچىلار، دەپ قارىلىدۇ. نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلار، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە دۆلەت مۈلكىگە زىيان يەتكۈزۈش دېگەندەك ئېغىر جازالار بىلەن ئەيىبلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان نامايىشچىلارنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەتتە سوتلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئابادى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ۋەقەلەرنىڭ بىرىگە باشلامچىلىق قىلغاندىن كېيىن قولغا ئېلىنغان نامايىشچىلاردىن بىرىنىڭ چەت ئەل دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەشھەد شەھىرىدە پەيشەنبە كۈنى ھېچقانداق بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ چاقىرىقىسىزلا توپلانغان بىر گۇرۇپپا كىشى، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەنىدى. ھاكىمىيەتكە قارشى قاتلاملارنىڭ ئاممىۋىي ھەرىكەتلىرىگە ئايلىنىپ كەتكەن مەزكۇر نامايىش ئىراننىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدە داۋام قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر