خەلقئارا جەمئىيەت ئىراندىكى نامايىشلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ئەنگلىيە،گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىراندىكى نامايىشلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

879964
خەلقئارا جەمئىيەت ئىراندىكى نامايىشلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بورىس جونسون ئىراننىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «نامايىشچىلار كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇۋاپىق يوسۇندا تالاش-تارتىشلار ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، ئىران مەسئۇللىرىنىڭ بۇنىڭغا يول قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتابنامىسىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىل بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن جونسون سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ئىنسانلار ئۆزلىرىنى ئەركىن ئىپادە قىلىپ قانۇن دائىرىسىدە تىنچ ھالدا نامايىش ئۆتكۈزەلىشى كېرەك.»

ئىراندىكى ۋەقەلەردە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسىدىن تولىمۇ قايغۇرغانلىقىنى ئېيتقان جونسون، ۋەقەگە چېتىشلىق تەرەپلەرنى زوراۋانلىقتىن ساقلىنىپ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىگە رىئايە قىلىشقا چاقىردى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىگمار گابرېئىلمۇ ئۆلۈملەرگە سەھنە بولغان نامايىشلاردىن تولىمۇ قايغۇرغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن بولسا، بەھرەين ھۆكۈمىتىمۇ ئىراندىكى پۇقرالىرىدىن بۇ دۆلەتتىن ئايرىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بۇنيامىن نېتانياھۇمۇ ئىراندا نامايىشقا قېتىلغانلارنى باتۇر دەپ تەرىپلەپ نامايىشچىلارنى قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئىراننىڭ مەشھەد شەھىرىدە ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى بىر تۈركۈم كىشى بىرمۇ سىياسىي پارتىيەنىڭ چاقىرىقى بولماي تۇرۇپ ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش مەقسىتىدە نامايىش ئۆتكۈزدى، بۇ نامايىش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھاكىمىيەتكە قارشى نامايىشلارغا ئۆزگىرىپ كەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر