كىم جوڭئۇن: «يادرو قوراللارنى ئېتىش كونۇپكىسى ئۈستىلىمنىڭ ئۈستىدە»

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيەگە ھەرگىزمۇ ئۇرۇش ئاچالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

879459
كىم جوڭئۇن: «يادرو قوراللارنى ئېتىش كونۇپكىسى ئۈستىلىمنىڭ ئۈستىدە»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن يادرو قوراللارنى ئېتىش كونۇپكىسىنىڭ ئۈستىلىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

كىم جوڭئۇن شىمالىي كورېيە تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرى بىلەن ئامېرىكانىڭ ھەممىلا يېرىگە ھۇجۇم قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 كىم جوڭئۇن: «ئامېرىكا بىزگە ھەرگىزمۇ ئۇرۇش ئاچالمايدۇ. ياردو قوراللارنى ئېتىش كونۇپكىسى ئۈستىلىمدە تۇرىدۇ، بۇ بىر تەھدىت ئەمەس، ھەقىقەت» دېدى. 

شىمالىي كورېيە رەھبىرى جەنۇبىي كورېيە بىلەن بولغان يىرىكېچىلىكلەرنى تۆۋەنلىتىش كېرەكلىكىنى ۋە دىيالوگ ئىشىكىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كىم جوڭئۇن فېۋرال ئېيىدا جەنۇبىي كورېيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىغا ئىشتىراك قىلىش ئېھتىمالىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن جەنۇبىي كورېيەگە ھەيئەت ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر