ئامېرىكا-قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى پارس قولتۇقى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد ئەلئاتىييە بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جىم ماتتىس تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، پارس قولتۇقى كىرىزىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشتى.

878201
ئامېرىكا-قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى پارس قولتۇقى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئامېرىكا-قاتار دۆلەتۈ مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىسنىڭ قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەلئاتىييەگە تېلېفون قىلغانلىقى ۋە ئىككى رەھبەرنىڭ پارس قولتۇقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ھەربىي ۋە مۇداپىئە ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بىلەن، بۇلارنى ھازىرقى سەۋىيەدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا كېلەر ئاي باشلىنىشى پىلان قىلىنغان «ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك دىيالوگى» توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين ۋە مىسىر 2017-يىل 5-ئىيۇن قاتار بىلەن بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزگەنلىكلىرىنى جاكارلاپ، پارس قولتۇقى كىرىزىسىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر