سۇدان تۈركىيەنىڭ گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن بېرىلگەن سەۋاكىن ئارىلى توغرىسىدا بايانات بەردى

سۇداننىڭ رىيادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى مەسئۇلى ئەھمەد ئىبراھىم، تۈركىيەنىڭ گۈللەندۈرۈلۈشىگە تاپشۇرۇلغان سەۋاكىن ئارىلى توغرىسىدا بايانات بەردى.

877571
سۇدان تۈركىيەنىڭ گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن بېرىلگەن سەۋاكىن ئارىلى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇداننىڭ رىيادتا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى مەسئۇلى ئەھمەد ئىبراھىم يازما بايانات ئېلان قىلىپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 24 – دېكابىردىكى سۇدان زىيارىتى جەريانىدا  تۈركىيە بىلەن ئىمزالانغان سەۋاكىن ئارىلىدىكى پورتنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشىغا دائىر كېلىشىمنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ مىسىر بىلەن سۇدان ئارىسىدىكى ھالايىب ۋە شەلاتىنغا ئالاقىدار چۈشىنىشمەسلىكلەر بىلەن ئالاقىسىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ئەھمەد ئىبراھىم سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئۇكاز» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خارتۇم سەۋاكىننى ئەنقەرەگە بېرىدۇ. سۇدان تۈركىيەگە ئېسىلماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋەردىكى سۆز – ئىبارىلەرنىڭ سۇدانغا، دۆلەتنىڭ نوپۇزىغا ۋە بەزى دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ھوقۇقىغا ھاقارەت قىلىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

سۇداننىڭ خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا تاشقى مۇناسىۋەتلىرىدە ئەرەبلەرنىڭ مىللىي خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان رەۋىشتە باشقا دۆلەتلەر بىلەن تىنچلىقپەرۋەر مۇناسىۋەتلەرنى ئورناتقانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەھمەد ئىبراھىم، «سەۋاكىن باشقا بىرىنىڭ ئەمەس، سۇداننىڭ قولىدىدۇر» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىبراھىم غەندۇر، قىزىل دېڭىز بويىدىكى سەۋاكىن ئارىلىنىڭ تۈركىيەگە ئاجرىتىلىشى توغرىسىدا توختىلىپ، «بىر پۈتۈن رايون ئەمەس، پەقەت سەۋاكىن ئارىلىلا مەبلەغ سېلىش ساھەسى سۈپىتىدە  تۈركىيەگە بېرىلىدۇ. بۇرۇنقى زامانلاردىكىگە ئوخشاشلا ھەج سەپىرىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولغان بۇ رايوندىن ھەم ئىبادەت يولى، ھەم ساياھەتچىلىك بويىچە ئورتاق مەبلەغ سېلىش ساھەسى سۈپىتىدە پايدىلىنىلىدۇ. بۇ نورمال ئەھۋال» دېگەنىدى.

مىسىردىكى بەزى تاراتقۇلار جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتى توغرىسىدا سەلبىي مەزمۇندا ئانالىزلارنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى غەندۇر بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، «ئەپسۇسكى مىسىر تاراتقۇلىرىدىكى بەزى نارازىلىقلارنى كۆردۇق. بۇ خىل نارازىلىقلاردىن ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇق. ئېنىقكى، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قانداق ئورنىتىلىدىغانلىقىنى پەقەتلا چۈشەنمەيدىغانلار بار ئىكەن. بۇ زىيارەت ئۇتۇقلۇق بولمىغان بولسا ئىدى، بۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلۈشكە ئەرزىمىگەن ۋە بۇنچىلىك كۈنتەرتىپكە كىرمىگەن بولار ئىدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر