خىتاي 53 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا قارىتا ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى 53 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا قارىتا پايتەخت بېيجىڭنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 شەھەرنى 6 كۈنلۈك ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

877591
خىتاي 53 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا قارىتا ۋىزىسىز ساياھەت قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 53 دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى بېيجىڭ، تىيەنجىن ۋە خېبېي شەھەرلىرىنى ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۇدا 6 كۈن ۋىزىسىز ساياھەت قىلالايدىكەن، بىراق بۇ كىشىلەر چوقۇم مەزكۇر شەھەرلەرنىڭ بىرىدىن كىرگەن بولۇشى شەرت ئىكەن. 53 دۆلەت ئارىسىدا  سچېنگېن رايونى ئەللىرى، ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە، ئاۋىستىرىيالىيە، ئارگېنتىنا، مېكسىكا ۋە چىلى قاتارلىق دۆلەتلەر بار بولۇپ، تۈركىيە يوق ئىكەن. خىتاي بۇ سىياسىتى ئارقىلىق چەت ئەللىكلەر ۋە چەت ئەللىك سودا – سانائەتچىلەرنىڭ دۆلەتكە كىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى نىشان قىلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر