باغداد ئەربىلگە قاراتقان ئاۋىياتسىيە چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى، ئەربىل خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا قويۇلغان خەلقئارالىق ئۇچۇش چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى يەنە 2 ئاي ئۇزارتتى.

877411
باغداد ئەربىلگە قاراتقان ئاۋىياتسىيە چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەربىل خەلقئارا ئايرودۇرۇمى تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئىراق پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئورگىنىنىڭ ئەربىل ئايرودۇرۇمىغا قويۇلغان خەلقئارالىق ئۇچۇش چەكلىمىسىنىڭ مۇددىتىنى 2018 – يىلى 28 – فېۋرالغىچە ئۇزارتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. باياناتتا، ئايرودۇرۇمنى دۆلەت ئىچى ئاۋىياتسىيە قاتنىشى بىلەن بىرگە، ماقۇللانغان تەقدىردە، دىپلوماتىك، ھەربىي ۋە ئىنسانىي ياردەم ئايروپىلانلىرىنىڭ قونۇپ – قوزغىلىشى ئۈچۈن ئىشلىتىشىكە بولىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى، ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ 25 – سېنتەبىردە قانۇنسىز رەۋىشتە ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، رايونغا بىر قاتار جازالارنى يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغان ۋە بۇ قارارنىڭ روھىغا ئاساسەن، ئەربىل ۋە سۇلايمانىيە ئايرودۇرۇملىرىدىكى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە سەپەرلىرى 29 – سېنتەبىردە 3 ئاي بويىچە توختىتىپ قويۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر