يىلدىرىم سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن كۆرۈشتى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز بىلەن كۆرۈشتى.

876847
يىلدىرىم سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يىلدىرىم بىلەن ئابدۇلئەزىزنىڭ «ئىقرە سارىيى» دىكى ئۇچرىشىشىدا، قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتى، پەلەسىتنلىكلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە قوبۇل قىلىنغان قارار لايىھەسىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتكە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

تۈركىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا، تۈركىيەنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ۋە پارىس قولتۇقى ھەم ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ مۇھىم دۆلەتلەردىن بىرى بولغان سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ھەيئەتلەر ئارا كۆرۈشۈشكە ئۆتۈلدى.

مۆلچەرلىنىشىچە،  يىلدىرىم كېيىنچە تەخت ۋارىسى شاھزادە ۋە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن كۆرۈشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر