ياپونىيە تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى پەلەسىتندە

پەلەسىتن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس ياپونىيە تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى تارو كونو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى راماللاھتىكى دۆلەت سارىيىدا قوبۇل قىلدى.

875938
ياپونىيە تاشقى ئىشلار  ۋەزىرى پەلەسىتندە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەسىتن خەۋەر ئاگېنتلىقى (WAFA) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابباس بىلەن كونونىڭ ئۇچرىشىشىدا، پەلەسىتن مەسىلىسى ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ  نۆۋەتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

ئابباس ياپونىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە قۇددۇس قارار لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشى، پەلەسىتننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە دۆلەت ئورۇنلىرى قۇرۇلۇشىغا بەرگەن ياردىمى ئۈچۈن كونوغا رەھمەت ئېيتقان ھەمدە پەلەسىتن ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

كونو بولسا پەلەسىتن – ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئىككى دۆلەتلىك تۈزۈمگە ئاساسلىنىدىغان سىياسىي باسقۇچنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە پەلەسىتن خەلقىگە داۋاملىق ياردەم بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ پەلەسىتن، ئىيوردانىيە، ئۇممان ۋە تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان 6 كۈنلۈك ئوتتۇرا شەرق زىيارىتى تۈنۈگۈن باشلانغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 6 – دېكابىر كۈنى ئاق سارايدا ئېلان  قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنى تېل ئاۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكەش توغرۇلۇق يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.

تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقى ئاستىدا ھازىرلغان ۋە ترامپنىڭ قۇددۇس قارارى تەنقىد قىلىنغان قارار لايىھەسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئامېرىكىنىڭ تەھدىتلىرىگە قارىماي 9 غا قارشى 128 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان، 35 دۆلەت ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر