ئافغانىستاندا بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ساقچى ئۆلدى
ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ھېلماند ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 6 ساقچى قازا قىلدى.
876040
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھېلماند ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر زۇۋاقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھېلماند ۋىلايىتىنىڭ مارجا ناھىيەسىدە چېگرا مۇداپىئەسى ساقچىلىرى ئولتۇرغان بىرونىۋىك ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا يول چېتىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبا پارتلىغان، پارتلاش نەتىجىسىدە 6 ساقچى قازا قىلغان، 6 سى يارىلانغان. ۋەقەدىن كېيىن رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا 10 تالىبان ئەزاسى ئۆلتۈرۈلگەن.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقى تالىبانغا ئائىت ئىكەن.