شىمالىي ئىراقتىكى سىياسىي كىرىزىس بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى پارلامېنتى باشلىقى يۈسۈپ مۇھەممەد سۇلايمانىيە شەھىرىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، پارلامېنت باشلىقلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

875971
شىمالىي ئىراقتىكى سىياسىي كىرىزىس بارغانسېرى ئېغىرلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى پارلامېنتى باشلىقى يۈسۈپ مۇھەممەد سۇلايمانىيە شەھىرىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزى ئەزا بولغان گوران (ئۆزگىرىش) ھەرىكىتى بىلەن ئىسلامىي توپلۇق پارتىيەسى (كومەل) نىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن چېكىنىشنى قارار قىلىشىدىن كېيىن، پارلامېنت باشلىقلىقى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يۈسۈپ مۇھەممەد، ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان كۈندىن بۇيان ھوقۇقىنى خەلقنىڭ مەنپەئەتلىرىگە خىزمەت قىلدۇرۇشقا تىرىشقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھالدا، «ئەگەر بۈگۈن ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلغان بولسام، بۇنىمۇ شۇ نىيەتتە قىلىۋاتىمەن. كېلەچەكتىمۇ يەنە شۇ نىشاننى بويلاپ يولۇمنى داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى.

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ سۇلايمانىيە شەھىرىدە ئۆتكەن ھەپتە باش كۆتۈرگەن ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلاردىن كېيىن گوران ۋە كومەل، بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن چېكىنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى. ئىراق كورد رايونىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ بايراقدارى ھېسابلىنىدىغان گوران ھەرىكىتى، باشلىقلىق مۇددىتى ئاخىرلاشقان مەسئۇد بارزانىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئۇزارتىلىشىغا قارشى چىقىپ، سۇلايمانىيە شەھىرىدە كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى.

سۇلايمانىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلار جەريانىدا كورد دېموكراتلار پارتىيەسى بىناسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشىدىن كېيىن، 2015 – يىلى 15 – ئۆكتەبىردە ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى نەچىرۋان بارزانىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، ھۆكۈمەت سېپىدىن ئورۇن ئالغان گوران ھەرىكىتىگە مەنسۇپ مىنىستىرلار ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانىدى. بۇ ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن سىياسىي كىرىزىس تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر