شىمالىي كورېيە ئامېرىكىدىن «جىنايەت»ئۈچۈن ئىسپات تەلەپ قىلدى

شىمالىي كورېيە ئامېرىكىدىن WannaCry » ناملىق يۇمشاق دېتال پىروگراممىسى ھۇجۇمى توغرۇلۇق ئىسپات تەلەپ قىلدى.

875825
شىمالىي كورېيە ئامېرىكىدىن «جىنايەت»ئۈچۈن ئىسپات تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە ۋاشىنگىتوندىن يۇمشاق دېتال پىروگراممىلىرى توغرۇلۇق ئىسپات تەلەپ قىلدى.

شىمالىي كورېيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئالىي دەرىجىلىك دىپلوماتلىرىدىن پاك سوڭ ئىل، دۇنيادىكى مىڭلارچە كومپىيۇتېرىغا تەسىر كۆرسەتكەن« WannaCry » ناملىق يۇمشاق دېتال پىروگراممىسى ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىنىڭ شىمالىي كورېيە ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ئېلان قىلىنغان باياناتلارغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

پاك سوڭ ئىل ئامېرىكىدىكى   APئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،  بۇ يىل ماي ئېيىدا دۇنيادىكى مىڭلارچە كومپىيۇتېرغا تەسىر كۆرسەتكەن « WannaCry » ناملىق يۇمشاق دېتال پىروگراممىسى ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىنىڭ شىمالىي كورېيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەرگەن ئامېرىكىنىڭ ۋەقەنىڭ ئايدىڭلىشىشى ئۈچۈن ئىسپات ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكىنىڭ قەستەن سۈركىلىش پەيدا قىلىش ئۈچۈن شىمالىي كورېيەگە تۆھمەت چاپلىغانلىقىنى ئېيتقان پاڭ سوڭ ئىل، پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنىڭمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ ئاساسسىز ئەيىبلىشىگە نارازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى توماس بوسسېرت، 18-دېكابىردا «ۋال سترېت ژۇرنال»گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، « WannaCry »ناملىق يۇمشاق دېتال پىروگراممىسى ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىنىڭ شىمالىي كورېيە ئىكەنلىكىنى يازغانىدى.

بۇنىڭ ئىسپاتى بارلىقىنى ئېيتقان بوسسېرت ئىسپاتلارنىڭ ئەنگلىە ۋە مىكروسوفىت شىركەتلىرى بولۇپ بەزى دۆلەت ۋە خۇسۇسىي شىركەتلەر تەرىپىدىنمۇ مۇئەييلەنلەشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل مايدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق سادىر قىلىنغان « WannaCry »يۇمشال دېتال پىروگراممىسى ھۇجۇمى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، رۇسىيە ۋە خىتاي بولۇپ جەمئىي 150 دۆلەتتىكى نۇرغۇن دۆلەت ئورگىنىغا تەسىر كۆرسەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر