رۇسىيە سۈرىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك 2 ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇشقا باشلىدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سۈرىيەدە 2 چوڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇش پىلانى ئالدىنقى ھەپتە ۋىلادىمىر پۇتىن تەرىپىدىن تەستىقلانغان ئىدى.
876048
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۈرىيەدە ئۇزۇن مۇددەتلىك 2 ھاۋا ئارمىيە بازىسى قۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ تارتۇستا 1 ۋە ھىمەيمىمدە1 بولۇپ، 2 چوڭ ھەربىي بازا قۇرۇشنى باشىلىغانلىقىنى، بۇ بازىدىكى ھەبىي ئەسلىھەلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ: «ئالدىنقى ھەپتە باش قوماندان ۋىلادىمىر پۇتىن تارتۇس ۋە ھىمەيمىمدىكى ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ھەربىي خادىملار سانىنى تەستىقلىدى. بىزمۇ قىسىملارنى قۇرۇشنى باشلىدۇق» دېدى.
رۇسىيە 2015 – يىلى 30 – سىنتەبىردىن بۇيان سۈرىيەدە داۋاملاشتۇرىۋاتقان ھەربىي ھەركەتلىرىنى تاماملىغان ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنى قايتۇرۇپ كەلگەن ئىدى.