ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشكە تەييارلانماقتا

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى - ھاماس نامى ئاستىدا ئىسرائىلىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە تەييارلانماقتا.

875719
ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى تۈزۈشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى - ھاماس ئىسرائىلىيە بىلەن «ئەسىر ئالماشتۇرۇش»كېلىشىمى تۈزۈشكە تەييارلىق قىلماقتا.

ھاماس سىياسىي بىيرو ئەزاسى فەتىھ ھامماد غەززەنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بەيت ھانۇن چېگرا ئېغىزىغا يېقىن جايدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، پەلەستىنلىك  مەھبۇسلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «زىندانلاردىكى پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن <ئەسىرلەرگە ۋاپادار بولۇش>نامى ئاستىدا كېلىشىم تۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتىمىز.»

ھامماد پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ پات يېقىندا ئازاد بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھاماسنىڭ قوراللىق كۈچى بولغان ئىززەددىن ئەل-قاسسام پىدائىيلىرى ئىسرائىلىيە 2014-يىلى غەززەگە ھۇجۇم قىلغاندا 2سى ئەسكەر بولۇپ جەمئىي 4 ئىسرائىلىيەلىكنى  ئەسىرگە ئالغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

قاسسام پىدائىيلىرى ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەر توغرۇلۇق ھازىرغىچە مەلۇمات بەرمىدى.

ھاماس بىلە ئىسرائىلىيە ئارىسىدا 2011-يىلى 18-ئۆكتەبىردە تۈزۈلگەن كېلىشىم دائىرىسىدە 2006-يىلى ئەسىرگە چۈشكەن ئىسرائىلىيە ئەسكىرى گىلاد شالىتنىڭ ئورنىغا 1027 پەلەستىنلىك مەھبۇس قويۇپ بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر