تۇنىس ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئايروپىلانلىرىنىڭ تەۋەلىكىگە قونۇشىنى چەكلىدى

تۇنىس، تۇنىسلىق ئاياللارنى ئايروپىلانلىرىغا ئولتۇرغۇزماي «ئايرىمىچىلىق » قىلغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلانلىرىنىڭ تۇنىس ئايرودۇرۇملىرىغا قونۇشىنى مەنئى قىلدى.

875236
تۇنىس ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئايروپىلانلىرىنىڭ تەۋەلىكىگە قونۇشىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنىس قاتناش مىنىستىرلىقى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «ئىمارات ھاۋا يوللىرى شىركىتى» نىڭ پۈتكۈل ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى؛ تۇنىس قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى رەسمىي ئادرېسى ئارقىلىق تارقىتىلغان باياناتتا، «تۇنىس قاتناش مىنىستىرلىقى، ئىمارات ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ سەپەرلىرىنى، مەزكۇر شىركەت ئاۋىياتسىيە سەپەرلىرىنى خەلقئارا قانۇن ۋە كېلىشىملەرگە مۇۋاپىق يوسۇندا ئىشقا ئاشۇرغۇچە توختىتىپ قويۇشنى قارار قىلدى»  دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

تۇنىس مەھەللىي مېدىيالىرى جۈمە كۈنى، ئىمارات ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلانىغا ئولتۇرماقچى بولغان تۇنىسلىق ئاياللارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىرىلمىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. خەۋەرلەردىن كېيىن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھاۋا يوللىرى شىركىتى بايانات بېرىپ، تۇنىسلىق ئايال يولۇچىلارنىڭ ۋىزىلىرىغا چەكلىمە قويۇلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

تۇنىس رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – تاپ، تۇنىستا تۇرۇشلۇق ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى باش ئەلچىسى سالىم ئىسا ئەلقەتتام زەئابىنىڭ جۈمە كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. تۇنىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، باش ئەلچىنىڭ «چەكلىمىنىڭ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى بىلەن ئالاقىدار بولۇپ، بىكار قىلىنغانلىقى» نى ئېيتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلگەنىدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تاشقى ئىشلارغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى ئەنۋەر قاراقاش بولسا، تۇنىسلىق ئايال يولۇچىلارنىڭ دۇبەي ئايروپىلانلىرىغا ئولتۇرغۇزۇلماسلىقىنىڭ «بىخەتەرلىك ئۇچۇرلىرى» نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى فېۋرال ئېيىدا، تۇنىسلىقلارغا خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ 2015 – يىلىدىن بۇيان يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ۋىزا چەكلىمىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر