لاۋروۋ: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا تۆمۈر پەردە يوق

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، دۆلىتى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە يېڭى بىر تۆمۈر پەردىنىڭ يوقلۇقىنى، مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

875394
لاۋروۋ: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا تۆمۈر پەردە يوق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سېرگېي لاۋروۋ، رىئا نوۋوستى خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، 1945 – يىلىدىن سوغۇق ئۇرۇش ئاخىرلاشقان 1991 – يىلىغىچە ياۋروپانى ئىككىگە ئايرىپ تۇرغان ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇش ساھەلىرىنى ۋە ماددىي چېگرالارنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان تۆمۈر پەردە ئاتالغۇسىنى بۈگۈنكى رۇسىيە – ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، ۋاشىنگتون تاشلىغان بەزى قەدەملەر تۈپەيلى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە ياخشىلىنىش بولمىغانلىقى تىلغا ئالدى ۋە بۇنىڭغا رۇسىيەنىڭ ئامېرىكىدىكى دىپلوماتىك مال – مۈلۈكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى، رۇس دىپلوماتلار ۋە رۇسىيە مېدىيا ئورگانلىرىغا ئىشلىتىلگەن بېسىملارنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى.

سېرگېي لاۋروۋ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدە ئويغىنىش ۋە ياخشىلىنىش بولىدۇ، دەپ ئويلايدىغانلىقىنىمۇ قەيت قىلدى. موسكۋانىڭ زىتلىشىش تەرەپدارى ئەمەسلىكىنى، بىراق ۋاشىنگتون تەرەپنىڭ بىلدۈرىدىغان ھەرقانداق بىر ھۇجۇمچى پوزىتسىيەسىگە جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن لاۋروۋ، «شېرىكلىرىمىزنى ئۆزئارا دىيالوگ ئورنىتىش كېرەكلىكى پىرىنسىپلىرىغا چاقىرىپ، پوزىتسىيەمىزنى ساقلاپ قالىمىز. ۋاشىنگتوندىكى ئاساسلىق مەسىلە ئۆزئارا مەنپەئەتلەرنى كۆزدە تۇتۇش. بۇ بولماي تۇرۇپ مۇناسىۋەتلەرنى تۈزىتىش ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەردە پائال ھەمكارلىق ئورنىتىش مۇمكىن ئەمەس» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

لاۋروۋ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى رۇسىيە ۋەھىمىسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بالداقلارغا ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە «بۇ ئەھۋال دۆلەتلىرىمىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان ساھەلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشىمىزغا توسقۇنلۇق پەيدا قىلماقتا، خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ كۆپ سۈركىلىش پەيدا قىلماقتا» دېدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۇچرىشىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتكەن لاۋروۋ، ئىككى رەھبەرنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا يۈزتۇرانە كۆرۈشكەنلىكىنى، ئارقىدىن 21- نويابىر، 14 – دېكابىر ۋە 17 – دېكابىردا تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

سېرگېي لاۋروۋ شىمالىي كورېيە مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، «رۇسىيە، نە پىيوڭياڭنىڭ بىر يادرو كۈچى بولۇش ئىستىكىگە ئىجابىي قارىمايدۇ، نە بۇ ئىستەككە يول قويمايدۇ. ئەمما، شىمالىي كورېيەگە بېسىم ئىشلىتىش ۋە ئۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىش تەشەببۇسلىرىمۇ خەۋپلىك. پىيوڭياڭنى جازالاش ئۈچۈن قىزىل سىزىقلارنى سىزىشنىڭ ئورنىغا كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن سىجىل قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى تەرەپدارىمىز. شىمالىي كورېيەگە مۇھاسىرىگە ئېلىشتەك بىر پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئىنسانىي كىرىزىس پەيدا قىلىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر