پاكىستان ئەسكەرلىرى بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرى توقۇنۇشتى
پاكىستان ئەسكەرلىرى بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ ھىندىستاننىڭ 4ئەسكىرى ئۆلدى.
874717
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئەسكەرلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى.
ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئەسكەرلىرى كەشمىر كونترول لىنىيەسىدە توقۇنۇشتى.
توقۇنۇشتا ھىندىستاننىڭ 4 ئەسكىرى ئۆلدى.
ئىگىلىنىشىچە، 1947-يىلدىن بۇيان ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئارىسىدا تالاش-تارتىش مەسىلىسى بولۇپ كەلگەن جاممۇ كەشمىردە ھازىرغىچە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 70مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان.
جاممۇ كەشمىردىكى مۇسۇلمان پىدائىيلار قوشۇنى 1989-يىلدىن بۇيان مۇستەقىل بولۇش ياكى پاكىستانغا قوشۇلۇپ كېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە.