فىلىپپىندە تەيفېڭ بورىنى سەۋەبلىك كۆرۈلگەن زىيان بارغانچە ئېغىرلاشماقتا

فىلىپپىندە ۋىنتا تەيفېڭ بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن سەۋەبلىك قازا قىلغانلارنىڭ سانى 200گە يەتتى.

874571
فىلىپپىندە تەيفېڭ بورىنى سەۋەبلىك كۆرۈلگەن زىيان بارغانچە ئېغىرلاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىلىپپىندە مەيدانغا كەلگەن ۋىنتا تەيفېڭ بورىنى سەۋەبلىك قازا قىلغانلارنىڭ سانى 200گە يەتتى.

تەيفۇڭدا مىنداناوۋ ئارىلىدا 153، زاموبوگادا 47 ئادەم قازا قىلدى.

يوقاپ كەتكەن 72 ئادەمنى ئىزدەش خىزمىتى داۋاملاشماقتا، تەيفېڭ بورىنى ۋىيېتنامغا قاراپ ئىلگىرىلمەكتە.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس ئاپەتتە كۆرۈلگەن تۈرلۈك زىيانلاردىن تولىمۇ قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ب د ت نىڭ ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

فىلىپپىندە ئۆتكەن ھەپتە مەيدانغا كەلگەن ئۇردۇجا بوران-چاپقۇنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈن ئاپىتىدىمۇ 40تىن كۆپرەك ئادەم قازا قىلىپ، 20مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىيان كۆرۈلگەنىدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىندە ھەر يىلى 20 قېتىمدەك تەيفېڭ بورىنى ۋە بوران-چاپقۇن ئاپىتى يۈز بېرىدىغان بولۇپ،  بۇ ئاپەتلەرگە تىنچ ئوكياندا كۆرۈلگەن ئۆزگىرىشلەر سەۋەب بولىدىكەن.

فىلىپپىندە كەلكۈن ئاپىتىدىن سىرت ئوت ئاپىتىمۇ مەيدانغا كەلدى.

مەلۇم بىر سودا-سېتىق مەركىزىدە ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ 37 ئادەم قازا قىلدى.

ئوت ئاپىتىنىڭ داۋاۋ شەھىرىدىكى 4 قەۋەتلىك بىر سودا-سېتىق مەركىزىدە تۈنۈگۈن ئەتىگەن يۈز بېرىپ تېزلا ئۇلغىيىپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

داۋاۋ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ئوت ئاپىتىنى ۋاقتىدا ئۆچۈرۈشنىڭ مۇمكىن بولمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ  سودا-سېتىق مەركىزىگە قاپسىلىپ قالغان 37ئادەمنىڭ ساق قالمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر