تۈركىيە پ ي د / پ ك ك نىڭ سوچى يىغىنىغا قاتنىشىشىنى ۋېتو قىلدى

تۈركىيە قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا چاقىرىلغان 8  - نۆۋەتلىك سۈرىيە يىغىنىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د ياكى گۇماشتىرىلىرىنىڭ سوچىدا چاقىرىلىدىغان «مىللىي دىيالوگ يىغىنى» غا قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

873827
تۈركىيە پ ي د / پ ك ك نىڭ سوچى يىغىنىغا قاتنىشىشىنى ۋېتو قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاستانا يىغىنىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئاخىرقى كۈنىدە تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ھەيئەتلىرى سوچى يىغىنىغا قاتنىشىدىغان سۈرىيەلىك گۇرۇپپىلارنىڭ تىزىملىكى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقتا.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە 22 – نويابىر كۈنى چاقىرىلىدىغان ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى بىلەن بىرلىكتە قاتنىشىدىغان «مىللىي دىيالوگ يىغىنى» ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئورتاق قارار ئارقىلىق بېكىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرگەنىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، رۇس ۋە ئىران ھەيئەتلىرى بىلەن بىرلىكتە سوچى يىغىنى ئىشتىراكچىلىرى توغرۇلۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە دائىرىلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / پ ي د نىڭ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنىشىغا قارشى چىققان.

تۈركىيە ھەيئىتى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭمۇ تەكىتلىگىنىدەك، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ گۇماشتىلىرىنىڭمۇ يىغىنغا قاتنىشىشىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى تەكرارلىغان.

تۈركىيە تەرەپ كاپالەتلىك قىلغۇچى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە سۈرىيە كورد مىللىي كېىشىنىڭ تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بولمىغانلىقى ئۈچۈن سوچى يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە بۇ ھەقتە ئاستانا يىغىنى ھارپىسىدا رۇسىيە بىلەن ئىرانغا مەلۇمات بەرگەن.

بۇ ئارىلىقتا، سۈرىيە ئۆكتىچى ھەربىي مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئەسىرلەرنى قويۇپ بېرىش مەسىلىسىدە ئالدىنقى قېتىمقى يىغىندىكىگە ئوخشاشلا مۇرەسسەلەشمەس پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرغان. كاپالەتلىك قىلغۇچى دۆلەتلەر تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مەسىلىسىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىندا  تارىخىي ساھەلەردىكى مىنالارنى تازىلاش توغرۇلۇق بىر ھۆججەتنىڭ ئىمزالىنىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر