مېركېل پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

873835
مېركېل پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە ھۆكۈمەت باياناتچىسى ستېففېن سېيبېرت بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى رايونلارنىڭ نۆۋەتىكى ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ دونېتسك ۋە لۇگانسك (دونباس) رايونلىرىدىكى ئىختىلاپنىڭ تىنچ يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن مىنىسك كېلىشىمىگە رىئايە قىلىشنىڭ  زۆرۈرلۈكى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتتى ھەمدە روژدېستۋا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئېنىقلاپ چىقىلغان توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلىشدىن ئىنتايىن خۇشال ئىكەنلىكلىرىنى ئىپادىلىگەنلىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە ئۇزاق مەزگىللىك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۈمىد چىرىغى ياندۇرغانلىقىنى قەيت قىلىشقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىككى رەھبەر ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېز ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىنىڭ مىنىسك كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى. مېركېل بىلەن پۇتىن يەنە، مىنىسك كېلىشىمىگە رىئايە قىلىش، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۆزەتكۈچىلىرىنى قوللاشقا مۇناسىۋەتلىك ئورتاق كونترول ۋە ماسلاشتۇرۇش مەركىزىدىن ئورۇن ئالغان ئۇكرائىنالىق ۋە رۇس ئوفىتسېرلارنىڭ ئوينايدىغان رولى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى. مېركېل بۇ مەركەزنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئىككى رەھبەر رۇس ئوفىتسېرلارنىڭ قايتىدىن دونېتسك خەلق جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇرۇش توختىتىش پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئورتاق كونترول ۋە ماسلاشتۇرۇش مەركىزىگە قايتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بەزى مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى توغرۇلۇق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر