خىتاي ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسىغا قارشى چىقتى

خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالىرىنى ئامېرىكانىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىدىن قاتتىق بىئارام ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

873953
خىتاي ئامېرىكانىڭ ئېمبارگوسىغا قارشى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئامېرىكانىڭ خىتاي ساقچى ئەمەلدارى گاۋيەننى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

باياناتچى خۇا چۈنيىڭ ئامېرىكانىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى قانۇنىغا ئاساسەن باشقا دۆلەت پۇقرالىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشىگە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭدىن قاتتىق بىئاراملىق ھېس قىلغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

خۇا چۈنيىڭ ئامېرىكانىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەدلىيە مۇستەقىللىقىگە ئارىلاشماسلىقى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ۋاشىگتوننىڭ خاتالىقىنى تۈزۈتۈشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرلىقى 2016-يىلى كونگرە تەرىپىدىن تەستىقلانغان ماگنېتسكي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى رامكىسى بويىچە ئېلان قىلغان ئېمبارگو تىزىملىكىگە، خىتاي ساقچى ئەمەلدارى گاۋيەننىمۇ كىرگۈزگەن ئىدى.

خىتاي ساقچىسى گاۋيەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ شۈنلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە جاۋابكار دەپ قارالغان ئىدى.

ماگنېتسكي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى بويىچە بولغاندا، ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلەرنىڭ ئامېرىكادىكى مال-مۈلكى توڭلىتىلىدۇ ياكى ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتى چەكلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر