ئىسرائىلىيەنىڭ يەنە بىر قانۇنسىز پىلانى ئاشكارىلىنىپ قالدى

ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز تۇرالغۇ جاي بەرپا قىلىش پىلانى ئاشكارىلىنىپ قالدى.

872739
ئىسرائىلىيەنىڭ يەنە بىر قانۇنسىز پىلانى ئاشكارىلىنىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ ئىيوردان ۋادىسىدا يەنە ئۈچ تۇرالغۇ جاي بەرپا قىلىشنى پىلانلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئىسرائىلىيەدىكى ھارېتز گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇنيامىن نېتانياھۇ رەھبەرلىگىدىكى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئىيوردان رايونىغا 10مىڭ كۆچمەن يەھۇدىنى ماكانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ تۇرالغۇ جاي بەرپا قىلىدىكەن.

ھۆكۈمەتنىڭ پىلانىدا يەنە ئىيوردان رايونىدىكى يەھۇدىي تۇرالغۇ جايلىرىنى 14 مەھەللە بەرپا قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ كېڭەيتىش پىلانىنىڭ بارلىقى ئەسكەرتىلگەن خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: «پىلاندىكى يەھۇدىي تۇرالغۇ جاي قۇرۇلۇشلىرى بەرپا قىلىش توغرۇلۇق رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىدى، ھەتتا بۇ پىلان ئۈچۈن رەسمىي ھالدا راسخوتمۇ ئاجرىتىلمىدى.»

ئىيوردان ۋادىسىدا نۆۋەتتە 20 يەھۇدىي تۇرالغۇ جايىنىڭ بارلىقى، بۇ تۇرالغۇ جايلاردا 4500 كۆچمەن يەھۇدىنىڭ ياشاۋاتقانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ بولسا بۇ جايلاردىكى يەھۇدىلارنىڭ سانىنى ئاشۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

نېتانياھۇ  رەھبەرلىگىدىكى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرىياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى بىلەن شەرقىي قۇددۇستا يەھۇدىي تۇرالغۇ جاي بەرپا قىلىش خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلاشتۇرماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ 1967-يىلدىن بۇيان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا 131، شەرقىي قۇددۇستا 10، ئىيوردان دەرياسىنىڭ تۆپىلىكلىرىدە بولسا 116 يەھۇدىي تۇرالغۇ جاي بەرپا قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىيوردان دەرياسىدىكى يەھۇدىي تۇرالغۇ جايلىرىدا تەخمىنەن 500 مىڭ، شەرقىي قۇددۇستىكى تۇرالغۇ جايلاردا بولسا 220مىڭ كۆچمەن يەھۇدىنىڭ ياشاۋاتقانلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى كۆچمەن يەھۇدىلارنىڭ سانىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە 1 مىليونغا يەتكۈزۈشنىڭ پىلانىنى تۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە ھاكمىيەتلىرى ئارىسىدا 1995-يىلى ئىمزالانغان «ئىككىنچى ئوسلو كېلىشىمى»دائىرىسىدە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى ئا، ب ۋە س رايونلىرىغا ئايرىلغانىدى.

ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ %18نى تەشكىل قىلىدىغان «ئا رايونى»نىڭ مەمۇرىي ھوقۇقى بىلەن بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسى پەلەستىنگە، % 21نى  تەشكىل قىلىدىغان «ب رايونىنىڭ «مەمۇرىي ھوقۇقى پەلەستىنگە، بىخەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسى بولسا ئىسرائىلىيەگە، %61 نى تەشكىل قلىدىغان «س رايونىنىڭ »مەمۇرىي ھوقۇقى بىلەن بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋەزىپىسى ئىسرائىلىيەگە  تاپشۇرۇلغانىدى.

كېلىشىمگە ئاساسەن، مەسىلە تولۇق ھەل بولغۇچە تەرەپلەر ھازىرقى ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلالمايدۇ، بىراق ئىسرائىلىيە ئوسلو كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بۇ رايونغا كۆچمەن يەھۇدىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ ھەربىي بازا قۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

خەلقئارا قانۇنغا ئاساسلانغاندا، بۇ رايونلاردىكى بارلىق يەھۇدى تۇرالغۇ جايلار قانۇنسىز ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر