ئامېرىكا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىمۇ يالغۇز قالدى

تۈركىيەنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن كېيىن ب دت ئومۇمىي كېڭىشىگە سۇنۇلغان «ئامېرىكىنىڭ قارارى» رەت قىلىندى.

873334
ئامېرىكا ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىمۇ يالغۇز قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن كېيىن ب دت ئومۇمىي كېڭىشىگە سۇنۇلغان «ئامېرىكىنىڭ <ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى قۇددۇس> قارارى» 9 غا قارشى 128 ئاۋاز بىلەن رەت قىلىندى، 35 دۆلەت بېلەت تاشلاشتىن چېكىندى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى، دەپ ئېلان قىلغان 6 – دېكابىردىكى قارارى، ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىدىكى بۈگۈنكى بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە ئىناۋەتسىز قىلىندى.

ترامپ، 6 – دېكابىردىكى باياناتىدا، ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىۋدىن قۇددۇسقا يۆتكەش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنىمۇ ئېلان قىلغانىدى. بىراق، ب د ت ھۆججەتلىرىگە خىلاپ بۇ ئەھۋال دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن كېيىن بۈگۈن كەچتە ئومۇمىي كېڭەشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن بۇ نەتىجە بىلەن، ترامپ ھۆكۈمىتى بېلەت تاشلاشتىن ئىلگىرىكى بارلىق تەھدىتلەرگە قارىماي، قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتىگە چېتىشلىق مەسىلىدە يالغۇز قالدۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر