سەئۇدى ئەرەبىستان يادرو رېئاكتور بەرپا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

سەئۇدى ئەرەبىستان كېلەر يىلى ئىككى يادرو رېئاكتور بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

872738
سەئۇدى ئەرەبىستان يادرو رېئاكتور بەرپا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەربىستان 2018-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىككى يادرو رېئاكتور بەرپا قىلىش ئۈچۈن  كېلىشىم ئىمزالايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان ئېنېرگىيە، سانائەت ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى خالىد ئەل- فاتىھ پايتەخت رىيادتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 2019-يىلدىن بۇرۇن يادرو رېئاكتور بەرپا قىلىش ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دۇنيا نېفىت بازىرى توغرۇلۇقمۇ توختالغان مىنىستىر خالىد نېفىت بازىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەنپەئەتىگە ماس ھالدا ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىر نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم دائىرىسىدە بۇ يىل قايتىدىن تەرتىپكە سېلىنغان نېفىت باھاسىنىڭ 2018-يىلىمۇ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر