شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەت باھالىق ئۆيىنى سېتىۋالغانلىقى ئاشكارىلاندى

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەت باھالىق ئۆيىنى سېتىۋالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

870769
شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەت باھالىق ئۆيىنى سېتىۋالغانلىقى ئاشكارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 2011 – يىلى قۇرۇلۇشى پۈتكەن، 2015 – يىلى 301 مىليون دوللارغا سېتىلغان فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى The Chateau Louis XIV ئىسىملىك دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەت باھالىق ئۆيىنى سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ سېتىۋالغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئۆتكەن ئاي دا ۋىنچىنىڭ «سالۋاتور مۇندى» ناملىق ماي بوياق رەسىمىنى 450 مىليون دوللارغا سېتىۋالغان شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان، شۇنداق قىلىپ دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەت باھالىق ئۆيىنىمۇ سېتىۋالغان بولدى.

نيۇ يورك ۋاقتى گېزىتى، ئۆينى سېتىۋالغان فىرانسىيە ۋە لىيۇكسېمبۇرگ مەركەزلىك شىركەتلەرنىڭ شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ خۇسۇسىي ۋەقپى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان «سەككىز سېلىنما» شىركىتىگە قاراشلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا كۆپ ساندا شاھزادە، مىنىستىر ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرى ۋە ئىسلاھات قەدەملىرى بىلەن دۇنيانىڭ كۈنتەرتىپىدىن چۈشمىگەن تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ فىرانسىيەدىكى مەزكۇر ئۆيگە 2015 – يىلى 301 مىليون دوللار پۇل تۆلىگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

فوربېس ژۇرنىلىدا كۆرسىتىلىشچە، دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەت باھالىق ئۆيى ھېسابلىنىدىغان The Chateau Louis XIV، ۋېرساي بازىرىدا ئىكەن. مەزكۇر ئۆيدە 3 مىڭ شىشىلىك ھاراق ئامبىرى، كىنوخانا، ئوچۇق ۋە يېپىق سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرى، ئىككى ئۇسسۇل زالى، بىر كېچىلىك كۇلۇب، كۇتۇپخانا ۋە بىر بېلىق كۆلچىكى بار ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر