پۇتىن ترامپقا رەھمەت ئېيتتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپغا رەھمەت ئېيتتى.

870615
پۇتىن ترامپقا رەھمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن، ست.پتېرسبۇرگدا تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىشنى پىلانلاۋاتقان كىشىلەرنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى توغرىسىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپغا رەھمەت ئېيتتى.

كرېمىل مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى بايانات بېرىپ، پۇتىن بىلەن ترامپنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ست.پتېرسبۇرگ شەھىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىشنى پىلانلاۋاتقان گۇماندارلارنىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى ئۈچۈن دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن، پۇتىننىڭ دونالد ترامپقا رەھمەت ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، رۇسىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى – CİA تەمىنلىگەن ئۇچۇر سايىسىدا ست.پېتېرسبۇرگدا تېررورلۇق ھۇجۇمى سادىر قىلىشنى پىلانلاۋاتقان كىشىلەرنى قولغا چۈشۈرگەنلىكى تەكىتلەندى.

باياناتتا، پۇتىننىڭ، ئامېرىكىدا سادىر قىلىنىشى پىلانلانغان ھەرقانداق بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا ئۇچۇرغا ئىگە بولغىنىدا، رۇسىيە دۆلەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭمۇ ئامېرىكىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ترامپقا ئېيتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تېخى يېقىندا بايانات بېرىپ، ست.پېتېرسبۇرگ شەھىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇمى پەيدا قىلىشنى پىلانلاۋاتقان بىر قىسىم دائېش تېررورچىلىرىنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر