بىرما ئارمىيەسى بىلەن ئاشقۇن بۇددىستلار مۇسۇلمانلارغا تەۋە 40 يېزىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن

بىرمانىڭ ئاراكان ئۆلكىسىدە بىرما ئارمىيەسى ۋە ئاشقۇن بۇددىستلارئىككى ئاي ئىچىدىلا نۇرغۇن يېزىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.

870468
بىرما ئارمىيەسى بىلەن ئاشقۇن بۇددىستلار مۇسۇلمانلارغا تەۋە 40 يېزىنى كۆيدۈرۈۋەتكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرمانىڭ ئاراكان ئۆلكىسىدە بىرما ئارمىيەسى ۋە ئاشقۇن بۇددىستلار بۇ يىل ئۆكتەبىردىن بۇيان مۇسۇلمانلارغا تەۋە 40 يېزىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىگە كۆرە، مۇسۇلمانلارغا تەۋە 40 يېزا كۆيدۈرۈپ تاشلانغاندىن سىرت، بۇ يىل 25-ئاۋغۇستتىن بۇيان 345 يېزا بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغان.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا مۇدىرى بىراد ئادامس، بىرما بىلەن باڭلادىش ھۆكۈمىتى بۇ يىل 23-نويابىردا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆي-ماكانلىرىغا قايتىشى ئۈچۈن كېلىشىم ھاسىل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا تەۋە ئونلارچە بىنانىڭ كۆيدۈرۈپ تاشلانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ ئەھۋال ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىخەتەر ھالدا يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشى توغرۇلۇق بېرىلگەن ۋەدىلەرنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

بۇ سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىنىڭ بىرما ھۆكۈمىتىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا تەۋە يېزىلارنىڭ كۆيدۈرۈپ تاشلانمىغانلىقى توغرۇلۇق بەرگەن باياناتلىرىنىڭ يالغانلىقىنى دەلىللەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئادامس مۇنۇلارنى دېدى: «بىرما ھۆكۈمتىىنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بىخەتەر ھالدا يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىشى توغرۇلۇق تېگىشلىك خىزمەتلەرنى ئىشلەش توغرۇلۇق بەرگەن ۋەدىلەرگە ئىشەنمەسلىك كېرەك.»

بىرما ئارمىيەسىنىڭ ئاراكان قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ ئاراكاندىكى ئاھالىلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 25-ئاۋغۇستتىن بۇيان مىڭلارچە مۇسۇلمان جېنىدىن ئايرىلدى.

بىرما ھاكىمىيىتىنىڭ ئاراكان رايونىغا كىرىش-چىقىشلارغا رۇخسەت قىلماسلىقى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى توغرا ئېنىقلاپ چىقىشنىڭ مۇمكىن بولمايۋاتقانلىقى، مىڭلارچە ئاراكانلىق مۇسۇلماننىڭ جېنىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئاراكاندىن قېچىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرمادىن قاچقان 600مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تاغلىق رايونلارغا، ناف دەرياسى ياكى دېڭىز ئارقىلىق باڭلادىشقا قېچىپ كەتكەن.

ئاراكاندا 1970-يىللاردا تەخمىنەن 2 مىليون مۇسۇلماننىڭ ياشىغانلىقى تەخمىن قىلىنغان بولسا، نۆۋەتتە زوراۋانلىق ۋەقەلىرى تۈپەيلى ئاراكان نوپۇسىنىڭ 350 مىڭغا چۈشۈپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر